رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىدىن تۈرمىدىكى ئوغلىنى تۈرمىنىڭ سىرتىدا داۋالىنىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى
2007.12.12
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە خانىم تۈرمىدىكى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكىدىن قايغۇرغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى تۈرمىنىڭ سىرتىدا داۋالىنىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوند جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى 'بۆلگۈنچى' دەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنى ئۇزۇندىن بۇيان كېسەل، گەرچە ھۆكۈمەت بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئۇنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا سەل قاراپلا قالماي، بەلكى ئۇنى 'جىنايىتىنى تونۇش'قا مەجبۇرلاپ ھەرخىل قېيىن -قىستاققا ئېلىپ كەلمەكتە. ھازىر ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ ھۇشسىز ھالەتتە ياتىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تونۇيالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇتلەق كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان 10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى رەھبىرى رابىيە خانىم ئۆزىمۇ، 1990 - يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان' دېگەن جىنايى نام بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ 2005 - يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەپ، ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلۈكسىز ھالدا رابىيە خانىمغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى " ناملىق ماقالىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسارىيىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە خانىم ئەنگلىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدا رابىيە قادىرغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان
- قانۇن گېزىتى ئامېرىكىنى " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ جارچىسى" دەپ ئەيىبلىدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك بولدى
- رابىيە خانىمنىڭ خىتاي گۇندىپايلىرى ھەققىدىكى ئوبزورى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى تەن ئالمىدى