خىتاي رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ساقچى ئىدارىسىغا سولىۋالدى
2006.05.30
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىسى رابىيە قادىرنىڭ 3 پەرزەنتى سەيشەنبە كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى نەنگۈەن ساقچى پونكىتىغا قاماپ قويۇلدى.
رابىيە قادىر ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەنگۈەن ساقچى پونكىتىنىڭ خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 لەردە رابىيە قادىرنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، روشەنگۈل ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم قاتارلىق 3 پەرزەنتىنى نەنگۈەن ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلىشقا باشلىغان. بۇ 3 كىشىنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغان ياكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرمىدى. نەنگۈەن ساقچى پونكىتىدىكى دائىرىلەر ۋەقەنىڭ راست - يالغانلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلماقتا. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان نەنگۈەن ساقچى پونكىتىنىڭ سىياسىي يىتەكچىسى، "بۇ ۋەقە توغرىسىدا بىر نېمە دەپ بېرەلمەيمىز " دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تازا ياخشى بىلمەيدىكەن.
لېكىن رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى، پەرزەنتلىرىنىڭ نەنگۈەن ساقچى پونكىتى قارمىقىدىكى 317 - ئىشخانا تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشخانىنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ۋەقە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىش ھارپىسىدا ۋە رابىيە قادىر ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ 2 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۈيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى پات ئارىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. زىيارەت ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەقە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. رابىيە قادىر، " ئۇلار پەرزەنتلىرىمنى گۆرەگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ماڭا بېسىم ئىشلەتمەكچى " دەيدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئالىم ئابدۇرېھىمنى چاقىرتىپ، " سىلەر ئامېرىكا زىيارەت ئۆمىكى كەلگەندە قانداق كۈتىۋالماقچى " دەپ سورىغان ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم، " تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە زىياپەت بېرىش مەقسىتىمىز بار" دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئالىم ئابدۇرېھىمنى " زىياپەت بېرىشكە بولمايدۇ ۋە زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشسەڭلار ئاقىۋىتىڭلار ئاپاڭغا ئوخشاش بولىدۇ " دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم قاماپ قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇنجى قېتىم تۇتۇپ كېتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يېڭى ئىدارە ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى
- رابىيە قادىر لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قازاقىستاندا تۇتۇپ قېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
- قارامايدا بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى تېما قىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى