رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىدە نەزەربەند قىلىنغان قىزى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى


2006.06.06

ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن سەيشەنبە كۈنى بۇلاقبېشى يېنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق 2 - دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

روشەنگۈل 1 - ئىيۇندىن بېرى بۇلاقبېشى مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى. ئۇ، سەيشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز بىئاراملىق ھېس قىلىشقا باشلىغان ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا شۇ ئەتراپتىكى 2 - دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ھازىرچە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە بىئاراملىقىغا نېمىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

رابىيە قادىر ئائىلىسى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. ساقچىلار ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

رابىيە قادىرنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن قىزى روشەنگۈللەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇلانبايغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە شۇ يەردە قولغا ئېلىنغان. بۇ جەرياندا ساقچىلار ئالىم بىلەن ئابلىكىمنى ئۇرغان ۋە روشەنگۈل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.

ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك بىر ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى يۈزلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.