رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى تۈرمىدە قىيناشقا ئۇچرىدى
2006.06.25
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم يېقىندا تۈرمىدە قىيناشقا ئۇچرىغان. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات لايىھىسى، گەرچە ھازىر ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ساغلاملىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىم ئابدۇرېھىم ھازىر قالغان ئىككى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىنىڭ تيانشان رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات لايىھىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ھازىر رابىيە قادىرنىڭ بۇ پەرزەنتلىرى بىلەن يېقىنقى يىللاردا ئالاقە قىلغان ھەر قانداق كىشىلەر ئۈستىدىن بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇلارنى سوراققا تارتىشقا باشلىغان.
رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە رۇشەنگۈل بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىش ھارپىسىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىممۇ تۇتقۇنغا ئۇچراپ، رۇشەنگۈل ئۆيدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.
مەزكۇر ئورگان باياناتىدا، تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ دەرھال داۋالىنىشغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىم پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىلگىرى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتىنى توساشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ بۇ يولدىكى داۋاسىنىڭ ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ، بۇ ئورگاننى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشى كۆزىتىشكە ۋە ئۆزىنىڭ رولى ئارقىلىق خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ئۈندەشكە چاقىردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىرنىڭ يەنە بىر ئوغلىمۇ قولغا ئېلىندى
- رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىدە نەزەربەند قىلىنغان قىزى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنى 3 كۈندىن بېرى ئاچ قويغان
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئامېرىكىغا قايتتى
- ئامېرىكا : جۇڭگو رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك