خىتاي رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى رەسمىي ئەيىبلەپ، يېقىندا سوت قىلماقچى


2006.07.12

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىككى ئوغلى خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئەيىبلىنىپ، سوتقا تارتىلماقچى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى، خىتاي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنى 10‏- ئىيول كۈنى رەسمىي سوتقا تارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي قانۇنلىرى بويىچە، تەپتىش دائىرىلىرى جاۋاپكارلار ئۈستىدىن سوت ئېچىشنى قارار قىلىپ 10 كۈنگىچە سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىقمايدۇ. لېكىن سوت ئېچىلىشقا 3 كۈن قالغاندا جاۋاپكارغا ئۇقتۇرىدۇ. 42 ياشلىق قاھار ئابدۇرېھىم ۋە 31 ياشلىق ئالىم ئابدۇرېھىم ھەر ئىككىلىسى باجدىن قېچىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئالىم يەنە "دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىدى. تېخى بۇنىڭ ئالدىدىلا 1‏- ئىيولنىڭ ئالدى-كەينىدە ئالىم ئابدۇرېھىم خىتاينىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى بىلەن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغان.

رابىيە خانىمنىڭ سولاقتا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم بولسا، ھازىر خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلماقتا. ئۇ "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئادۋوكات تۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرىشەلىشى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا، ئادۋوكات تۇتۇشنىڭ زۆرۆرىيىتىمۇ چوڭ ئەمەسكەن.

كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دېرىكتورى ئالىم سېيتوف، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ئەدلىيەسىنىڭ رابىيە قادىر سوتلانغان ۋاقىتتىن بۇيان تېخىمۇ ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر سىياسىي مۇددىئا بىلەن ،رابىيە ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.