ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا خۇ جىڭتاۋغا خەت يازدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 72 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە رەسمى سوتلايدىلانلىقىنى جاكالىغان 3 ئوغۇلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خەتتە "بىز ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈمىز ۋە سىزنىڭ رابىيە قادىر پەرزسەنتلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشىڭىزنى قەتئى تەلەپ قىلىمىز،" دەيدۇ.

خۇ جىڭتاۋغا يېزىلغان بۇ خەت ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى ھېنرىي خايد ۋە بۇ كومىتېتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەزاسى تام لانتوسلار باشچىلىقىدا قەلەمگە ئېلىندى. خەتتە، رابىيە قادىرنىڭ نەۋرىلىرىدىن سەردار، چىپارلار، تۇققانلىرى قەيسەر، راھىلە، تۇرغۇن ۋە قىزى روشەنگۈللەر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، " لېكىن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتكىلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز،" دەپ يازغان.

قاھار، ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ باج ئوغۇرلاش، دۆلەتنى پارچىلاش، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى، دەپ ئەيپلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن خەتتە، " ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ بۇ ئەيىپلىشىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھىچ بىر سەۋەب رابىيە قادىرنىڭ نەۋرە ۋە پەرزەنتلىرىگە زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشنى ھەقلىق چىقارمايدۇ، "دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئەسلى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىنى سوتلىماقچى ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ سوتى سوت كۈنىگە بىر كۈن قالغاندا مەلۇم بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرۈلدى. خەتتە " بىز رابىيە قادىر ئائىلە تاۋاباتىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى جوڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى قانۇندىكى ھەق ھوقۇقى ۋە جوڭگو ئىمزا قويغان خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە كېلىشىملەرگە خىلاپ، دەپ قارايمىز،" دەپ يازغان. (ئەركىن)