خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى


2006.11.27

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمغا باج ئوغرىلاش جىنايىتى ئارتىپ، 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى. چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمغا 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان، لېكىن ئۇنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلمىغان.

قاھار ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ سوتى بۇ يىل 8 - ئايدا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيىدە يىغىن چاقىرىپ، رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە سايلىغاندىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ 208 مىڭ يۈەن باج ئوغۇرلىغانلىقىنى،قاھار ئابدۇرېھىمنى 2 يېرىم مىليون يۈەن باج قاچۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 5 - ئايدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئالغان. بۇ قېتىم ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن ئۇلار ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلدى.

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكيۇلىن، سوت ھۆكۈمىتى "رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق،" دەيدۇ. ئۇ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، "بىز سوتنىڭ ئادىل بولغانلىقىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە گۇمانلىنىمىز شۇنداقلا ئەيىپلەنگۈچىلەر قانۇنى ۋاكالەتچىلىككە ئېرىشەلمىدى، دەپ قارايمىز،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى ئالىم ئابدۇرېھىمنى باج ئوغرىلىدى، دەپ قارىغان يىللار رابىيە قادىر تېخى قولغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ئەقىدە شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ئىدى. ئۇ، بۇ يىللاردا خىتاي بويىچە 18 قېتىم باج تاپشۇرۇش بايراقدارى بولۇپ مۇكاپاتلانغان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى قولغا ئالغاندا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى،" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.