كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈمى ھەققىدە قاتتىق ئەيىبلىدى


2006.11.28

داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا، ئۇنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باج ئوغرىلىدى دېگەن باھانە بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئۈستىدىن چىقارغان بۇ سوت ھۆكۈمى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا -ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چىدىماسلىق، ئۆچ ئېلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى نىكولا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى رابىيە قادىر خانىمغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋاكالىتەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنمەكتە" دەپ بىلدۈردى.

لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، "رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن رابىيە قادىر خانىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى پۈتۈنلەي بىر خىل سىياسىي مەقسەتلىك ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىگە قىلىۋاتقان بۇ خىل ھۇجۇمنى دەرھال توختىتىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مەسئۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ "رابىيە قادىر خانىمنىڭ باللىرىدا ھىچ گۇناھ يوق، بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆچ ئېلىشىنىڭ ئىپادىسى. رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. ئۇ خەلقئارا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىدى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك بەرمەيۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.