رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى


2006.06.01

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككى كۈندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن سىرت، رابىيە قادىرنىڭ ئابلىكىم ئىسىملىك ئوغلى ساقچىلاردىن قاتتىق تاياق يىگەن، ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە ئالىم ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەن.

چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان " ئەقىدە" شىركىتىنى 8 مىليون 70 مىڭ يۈەن باج ئوغرىلىدى دېگەن يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى، بىر تەرەپتىن رابىيە قادىرنىڭ چەتئەلدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى جازالاش ئارقىلىق، رابىيە قادىرنى ئامېرىكا ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن توختىتىش مەقسىدىگە يېتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭرىتاغ تورى، 1 ‏- ئىيۇن كۈنى رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى نۆۋەتتە چەتئەلدىكى "ئۈچ خىل كۈچ"لەرنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى شۇنىڭدەك ساقچىلارنىڭ يەنە ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى قولغا ئالغانلىقىنى، روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنى قانۇن بويىچە ئائىلىسدە نەزەربەند ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالىم ئابدۇرېھىم رەسمىي قولغان ئېلىنغان، ئابلىكىم ساقچىلارنىڭ تاياق زەربىسىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. روشەنگۈل ۋە رابىيە قادىرنىڭ نەۋرىلىرى نەزەربەندكە ئېلىنغان ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.