خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سوت ھۆكۈمىنى ئاشكارىلىمىدى


2006.10.26

خىتاي دائىرىلىرى، 26 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى پەرزەنتى ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلمىدى.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سوت، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى ئۈستىدىن ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۈر سوتقا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 20 كىشى ، رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ۋە رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن بولۇپ جەمئىي ئالتە ئادەم قاتناشقان.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، ئەمما خىتاي دېموكراتىك ئەللەرنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا پائاليەت قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى تۈرلۈك بەتناملار بىلەن ئەيىبلەپلا قالماستىن، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى قانۇنسىز تىجارەت قىلغان ھەمدە باج تۆلىمىگەن دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ، قاھار ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى قولغا ئېلىپ، قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنى نەزەربەند ئاستىدا 24 سائەت كۆزەتمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قېرىنداشلىرىدىن مەمەت قادىرنى سوراققا تارتىش بىلەن بىرگە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق خورلىغان . خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى، نۆۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.