ئامېرىكا خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2005.01.27
Randy-Schriver150.jpg

ئامېرىكا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راندى شىرايۋېر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن خىتاي تۈرمىسىدىكى رابىيە قادىرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىرايۋېر بۇ سۆزنى نورۋىگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى: " ئامېرىكا رابىيە قادىر مەسىلىسى شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى." بىراق مۇراسىمدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف سۆز قىلىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، رابىيە قادىر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە بۇش ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەكىتلىدى. فرانك ۋولف، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇشقا خەت يېزىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۈندەش شۇنداقلا ئۇلار ئارقىلىق رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ت. كۇمار، پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى، رابىيە قادىر 1999 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشقا بارغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر چەتئەللىكلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، كېيىنكى يىلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سور مەھكىمىسى تەرىپىدىن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر يىل قىسقارتىلغاندىن كېيىنكى جازا مۇددىتى يەنە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن توشىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.