ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلدى


2005.03.17

rabiya-150.jpg
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم.

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر پەيشەنبە كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى دەل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. كوندىلىزا رايىس زىيارىتىنىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىبى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رابىيە قادىر ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ھەمرالىقىدا پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئالتىلەردە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىغا چۈشۈپ، بېيجىڭدىن يولغا چىققان. ئۇ،ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 8 لەردە ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا رىگان ئايرۇدرومىغا يىتىپ كىلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئانىسى دەپ نام ئالغان رابىيە قادىر خانىم 1999 - يىلى 8 - ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭغىنىدا قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىپلەپ، 2000 - يىلى 3 - ئايدا سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى بىر يىل يىنىكلەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئامېرىكا- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى سىرتتا داۋالىنىش ئۈچۈن، مۇددەتتىن 17 ئاي بۇرۇن قويۇپ بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قارشى ئالدى. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەرب ئەللىرىنى داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. (ئارزۇ)

سىدىق ھاجى روزى، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزور ئېلان قىلدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.