رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندا ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى
2005.03.18
ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەن ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندىكى رېگان خەلقئارا ئايدۇرۇمىغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى.
ئۇ، ئايرودۇرۇمدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش يولىدىكى قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ئىنتىلىش، ئامما بۇ ئۇيغۇرلاردا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ" . رابىيە قادىر ۋاشىنگتونغا كېلىش سەپىرىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى بارلىق ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. بۇ ئۇلار ئۈچۈن مەدەنىي دۇنيادىن ئورۇن ئېلىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر شەرت،"
رابىيە قادىرنىڭ ئايرودۇرۇمدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە كۈرەش قىلىش، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتى بولىدىكەن. ئۇ، ھازىرقى ئەڭ جىددى مەسىلىلەرنىڭ بىرى تۈرمىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنى ئازات قىلىش، دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئالدىنقى كۈنى يېرىم كېچىدە ئۈرۈمچىدىكى باجاخۇ ئاياللار تۈرمىسىدىن نەچچە ئون ماشىنىلىق قوراللار ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا مەخپىي ياللاپ ئاپىرىلغان. بۇ يەردىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. رابىيە قادىر، ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا كەلدى. (ئەركىن)