رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
2005.09.06
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى نيۇ - يوركتا چاقىرىلىدىغان ب د ت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە - تاۋاباتى ۋە ئۇلارنىڭ سودىسىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
"خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى، قولغا ئېلىش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى جىددىلەشتۈرمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، " 2004 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، 22 سىياسى تەشكىلاتتىن 55 نەپەر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، "ئۇلارنىڭ جىنايىتى نېمە؟ ۋاڭ لېچۈئەن بىزگە ئېيتىپ بېرىشى كېرەك،" دېدى.
رابىيە خانىم، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ 25 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلغان باياناتىدىكى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" ھەققىدىكى سۆزلىرىنى "بۆھتان" دېدى. ئۇ يەنە، ۋاڭ لېچۈئەن "مېنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيىتىمگە زەربە بەرمەكچى،" دېدى.
رابىيە قادىر ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، تەن جازاسى ۋە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش، مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇتنى سىياسىتىنى بىكار قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى قويۇۋېتىش قاتارلىق 11 تۈرلۈك مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاي باج ئىدارىسى "ئەقىدە شىركىتى" نى تەكشۈردى
- بېيجىڭ دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يەنە ئەيىپلىدى
- رابىيە قادىر، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى