جون كام: بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلدى


2006.02.27

ئامېرىكا سۆھبەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جون كام سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى 1999 - يىلى 3 - ئايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە 2005 يىلى 3 - ئايدا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى.

جون كامنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش قارارى ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن. جون كام، " ئۇ قويۇپ بېرىلدى ۋە بارلىقىنى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بېغىشلىدى " دەيدۇ. كامنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە رابىيە قادىر " ھازىرغىچە رەھبىرى بولمىغان بۇ خەلقنىڭ يول باشچىسىغا ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھازىرغىچە دۇنياغا تونۇتالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئاۋازىغا ئايلانغان " ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە جون كام رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىدا ۋاستىچىلىق رول ئوينىدى.

جون كامنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇرۇن سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسە، سۈرگۈن ھاياتىدا ئۈن - تۈنسىز يوقاپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ئۇ" رابىيە قادىر بۇ مەركىزىي نەزىرىيىنى يوققا چىقاردى " دەيدۇ. شۇنىڭ كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. رابىيە قادىر ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچىگە ئايلاندى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوننى رابىيە قادىرغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.