رابىيە قادىر لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەردى


2006.05.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىمۇكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى جۇڭگو لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي تۈرمە سىستېمىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىغا تۇتىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تۈرمە دائىرىلىرى ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆز - ئۆزىنى " جۇڭگو ۋە خەلق دۈشمىنى" دەپ كەمسىتكۈزمەكتە. كىشىلىك غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىش، تەن جازاسى قاتارلىق جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيىلىك بېسىمغا ئۇچرىماقتا. رابىيە قادىر "ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىدىكى شەرت -شارائىتى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارىغاندا ئېغىر ئەھۋالدا،" دەيدۇ.

رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ دەسلەپتە خىتاي سىياسى سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئويلىغان ۋە بۇ يولنى سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى خىتاينىڭ سىياسىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان.

چارشەنبە كۈنكى مۇھاكىمە يىغىنى سوۋېت - جۇڭگو يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ ئوشاشلىقى ۋە پەرقى، دېگەن تېما بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى نەنسىي پەلۇسى سۆزلىدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىلىرىنى تاقىۋېتىشكە چاقىردى.

يىغىندا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لېي ئېدۋاردسا، " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"نىڭ ستون يازغۇچىسى ئاننې ئاپېلبائۇم، لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىس خاررىي ۋۇ، ئامېرىكا مەملىكەتلىك دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارىل گرىشمان قاتارلىق سىياسەتچىلەر ، مۇتەخەسسىس ۋە جامائەت ئەربابلىرى سۆز قىلدى. سۆز قىلغانلار ئىچىدە ھاياتىنىڭ 27 يىلىنى خىتاي تۈرمىسىدە تىبەتلىك ئايال ئادى تاپونساڭ ۋە 1989- يىلى 4 - ئىيۇن دىمۇكراتىيە ھەرىكىتى جەريانىدا ماۋ زېدوڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەسىمىگە بوياق ئاتقانلىقى ئۈچۈن 9 يىل تۈرمىگە سولانغان لۇ دېچىڭ قاتارلىقلار بار. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.