رابىيە خانىم ئەركىنلىك جەڭچىسى ۋاسلاۋ خاۋىل ئەپەندىنى تەبرىكلىدى


2007.02.21

تۈنۈگۈن ئامېرىكا كونگرېس كۈتۈپخانىسى دۆلەت دېموكراتىيە فوند جەمئىيىتى بىلەن دۆلەت دېموكراتىيە ئىنىستىتۇتى بىرلىكتە يىغىن ئېچىپ، سابىق چېخ پرېزىدېنتى، كوممۇنىست مۇستەبىتلىرىگە قارشى ئۇزۇن يىل كۆرەش قىلىپ غەلىبە قىلغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك جەڭچىسى ۋاسلاۋ خاۋىل ئەپەندىنىڭ دېموكراتىيىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن شەرەپ مۇكاپاتى بەردى.

يىغىندا دۇنيادا دېموكراتىيە جەڭچىلىرى دەپ ئاتالغان مەشھۇر كىشىلەردىن 8 كىشى سۆز قىلدى. بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەڭچىسى رابىيە قادىر خانىم. رابىيە خانىم بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ چېختا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئەركىنلىكى بوغۇپ تاشلانغان ئۇيغۇر خەلقىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە خەلق قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.