خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىردى
2007.04.19
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ، خىتاي رەھبەرلىرىنى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمگە شۇنداقلا ئالىم ئابدۇرىھىم ۋە قاھار ئابدۇرىھىمگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا " خىتاي ھۆكۈمىتى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنى ياخو تور شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور باشقۇرغۇچىسىغا "مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش" ۋە " بېلىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە چەكلەنگەن جاھات" ناملىق ئىككى ماقالە ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن بۇ ماقالىلەرنى تۇردا ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياخو تور شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر تورى يوقلۇقىنى ئېنىقلىدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئائىلىسىگە قاراتقان بېسىمىنى تۇنجى قېتىم 1999- يىلى رابىيە قادىرنى قولغا ئېلىش بىلەن باشلىغانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2005- يىلى 17- مارت كۈنى تۈرمىدىن قويۇب بېرىلىشى بىلەن بۇ بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي باش مىنستىرى ۋېن جياباۋ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرىھىم شۇنداقلا ئالىم ۋە قاھار ئابدۇرىھىمگە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. (ئومەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا بېرىلگەن قاماق جازاسىغا ئىنكاسلىرى
- خىتاي، رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا جازا ھۆكۈم قىلدى
- خىتاي د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلىنى 9 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى
- رابىيە قادىر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا يازغان خېتى ھەققىدە توختالدى