پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھاسى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى


2007.06.07

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ 7 ‏- ئىيۇن كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھاسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 5 ‏- ئىيۇن كۈنى، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگادا شەھىرىدە، 17 دۆلەتتىن كەلگەن دېموكراتىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدىن ئۆچ ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پرېزىدېنت بۇش يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمغا " رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئەر- ئاياللارنىڭ تالانتى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولۇپ، بۇ ، ئۇلارنىڭ ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراقلىرى ۋە ياكى يەر ئاستىدىكى نېئىفتلىرىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر " دەپ باھا بەرگەن ئىدى.

خىتاي باياناتچىسى جاڭ چىيۆ " ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى سۆز ھەرىكىتى، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق نارازىلىق ۋە قەتئىي قارشىلىق بىلدۈرىدۇ" دېدى.

رابىيە قادىر خانىم، 2005 ‏- يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باسقان كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. نۆۋەتتە، رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى " نوبېل " تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ " مەنىۋى ئانىسى" دېگەن ناملار بىلەن تەرىپلەنمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.