خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدا رابىيە قادىرغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان


2007.09.21

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ھەر دەرىجىلىك ئىدارە - جەمئىيەتلەردە ئۇنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئىشەنچلىك مەنبەلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋە 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاپتونوم رايون بۇيىچە نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ رابىيە قادىرغا تاقابىل تۇرۇش بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنى ھەم رابىيە قادىرنىڭ تەسىرىنى تازىلاش شۇنداقلا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھى 60 نەچچە بەتلىك ماتېرىيال قىلىپ تەييارلانغان بولۇپ، ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار كىشىلەر، رابىيە قادىرغا "ئەكسىلئىنقىلاپچىنىڭ نەق ئۆزى،"دەپ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پرېزىدېنت بۇش، بۇ يىل 6- ئايدا رابىيە قادىر خانىمنى پراگادا قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى پائالىيىتىنى ماختىغان ۋە بالىلىرىنىڭ سولانغانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، كۆرسەتكەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنى چۆچۈتۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ۋاشىنگتوندا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش پراگادا رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش ۋەقەسىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە "بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى پارچىلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟ " دەپ سورىغان. لېكىن ئامېرىكا باش ئەلچىسى كلارك رانت، " ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان خەلىقلەر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە دەردىنى ئاڭلاپ بېقىش مەسئۇلىيىتى بار" دەپ جاۋاب بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.