"رابىيە قادىر دەۋرى" خىتايلارنى چۆچۈتتى
2007.01.19
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پەن جىپىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ "رابىيە قادىر دەۋرى" يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، خىتاينى "رابىيە قادىر دەۋرى" نىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن قانداق ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالمىدى.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى پەن جىپىڭ، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پات يېقىندا "رابىيە قادىر دەۋرى" باشلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، تەيۋەندە چىقىدىغان "جوڭگو ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى مىللەتچى، دەپ ئەيىبلىدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى رابىيە قادىرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قايتا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىردى. ئۇ،" بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ،" دەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى يېقىندا رابىيە قادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى بولالمايدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پەن جىپىڭ، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى تەسىر كۈچىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ، "رابىيە قادىر بىر مىللەتچى، ئۇنىڭ شىنجاڭدا مەلۇم ئىجتىمائىي ئورنى بار شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەسىرگە ئىگە. ئامېرىكىلىقلارمۇ قوللايدىغان شەخس،" دەپ كۆرسەتتى.
بۇ خىتاي كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى ئېلان قىلغان رابىيە قادىر ھەققىدىكى بىردىن بىر باھاسى ئەمەس. يېقىندا خىتايلارنىڭ سۇخو تور بېتىدىكى بىر ماقالىدا " جوڭگونىڭ قارشى تۇرماقچى بولىۋاتقىنى چىچىلاڭقۇ ۋە پارچە- پۇرات ھالەتتىكى شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلار ئەمەس، بەلكى تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە قابىلىيەتلىك رابىيە قادىر يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يېڭى شەرقىي تۈركىستانچىلاردۇر،" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پامىر ئىگىزلىگىدىكى دىلونى تەكشۈرۈش تەلىپى خىتاينىڭ رەت قىلىشغا ئۇچرىدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- دۇنيا مەتبۇئاتلىرى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى سۆزلىرىگە باھا بەرمەكتە
- نۇر بەكرى رابىيە قادىرنى ئەيىبلىدى
- د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كانادادىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى