رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە نەشردىن چىقماقچى
2006.08.18
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىر گېرمانىيىدىكى ئون كۈنلۈك خىزمەت سەپىرىدىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە سەپىرى ئاساسلىقى گېرمانىيىدىكى بىر نەشرىيات شىركىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ پۈتتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىش خىزمىتى بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار بۇرۇن باشلانغان ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە بۇ قېتىم ئۇ گېرمانىيىگە بېرىپ تەرجىمىھالىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىنى يېزىپ پۈتتۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. كېلىشىم بويىچە كىتابنى نەشر قىلىدىغان شىركەت ئىنگىلىزچە، گېرمانچە ۋە بىر قانچە ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىكەن. كىتابنىڭ ئۇزۇن بولمىغان كېلەچەكتە نەشردىن چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
كىتابتا رابىيە قادىرنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئائىلە ئايالى بولۇشتىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر كارخانىچى بولغانلىقى, خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزالىقىدىن قانداق قىلىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئايلانغانلىقى ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن دراماتىك ۋەقەلەر بىلەن يورۇتۇلغان.
كىتابقا رابىيە قادىر ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر نۇرغۇن سەزگۈر ۋەقەلىكلەر ۋە سىياسىي كۈرەشلەر كىرگۈزۈلمەكچى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇرلار دىنىي كرىزىسقا ئۇچرىماقتا دېدى
- رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى تۈرمىدە قىيناشقا ئۇچرىدى
- رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىدە نەزەربەند قىلىنغان قىزى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئامېرىكىغا قايتتى
- ئامېرىكا : جۇڭگو رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك