رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە قايتا رەددىيە بەردى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان " مەملىكەتكە نەزەر ژورنىلى" نىڭ تور بېتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى " تېررورىست" دەپ ئەيىبلىشىگە قايتا رەددىيە بەردى.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۆتكەن بېيجىڭدا بەرگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رابىيە قادىر خانىمنى " تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئەمما رابىيە قادىر خانىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى تېررورىست دەۋاتىدۇ.... دۇنيانى ئۆزىنىڭ توقۇغان سەپسەتىلىرىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇنىۋاتىدۇ... خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا دالاي لامانىمۇ تېررورىست دەپ ئاتىغان. ئىشىنىمەنكى، مەن ئۇلار تېررورىست دەپ ئەيىبلىگەن ئاخىرقى كىشى ئەمەس" .

رابىيە خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن:" مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ياش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرگەندە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلارنى كۆيدۈرگەندە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى " تېررورىست" دەپ ئۆلتۈرگەندە ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەردىن قاتتىق چۆچۈدۈم" .

رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا بېرىدىغان نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەققانىي سۆز قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)