رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
2007.06.17
د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، 430 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك كىتاب گېرمانىيىدىكى " ھەنەي نەشىرىياتى "تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. كىتاب گېرمانىيە يازغۇچىسى ئالېكساندرا كائېلۇيىس تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر كىتابنىڭ يېزىلىشى جەريانىدا بىر قانچە قېتىم گېرمانىيىگە بېرىپ، ئاپتور بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پۈتۈن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە كىتابنىڭ يېزىلىشىغا باشتىن ئاخىرى ئىگىدارچىلىق قىلغان. مەزكۇر كىتاب رابىيە قادىرنىڭ غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى تولۇق تەرجىمىھالى بولۇپ، پىلان بويىچە مەزكۇر كىتاب ئىنگلىز، فرانسۇز قاتارلىق باشقا غەرب تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنماقچى.
كىتابتا پەقەتلا رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولماستىن بەلكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلىرىمۇ ۋە مەسىلىلىرىمۇ يورۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن غەربلىكلەر بۇ كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايدىكەن.
بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە خانىم رابىيە خانىم 6-ئاينىڭ 17- كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن' گە يېتىپ كېلىپ، 19- ئىيۇن بېرلىندە، جۇمھۇرىيەتلىك مەتبۇئات سارىيىدا، 20- ئىيۇن ميۇنخېندىكى ، ئەدەبىياتچىلار سارىيىدا ۋە 22- ئىيۇن كۈنى شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى بەرن شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋە تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ.
بۇ مۇراسىملارغا گېرمانىيە، شۋېتسارىيە پارلامېنتلىرىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسەتچىلەر، ئالىملار، ئەدىبلەر، ژۇرنالىستلار شۇنىڭدەك شۇ جايلاردا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلىدۇ.
د ئۇ ق نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىتابنىڭ ميۇنخېندىكى نەشىر قىلىنىش مۇراسىمىغا "ھەنەي نەشرىياتى"، ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلىدىكەن.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھاسى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك بولدى
- رابىيە خانىمنىڭ خىتاي گۇندىپايلىرى ھەققىدىكى ئوبزورى 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى ئىككى ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى تەن ئالمىدى
- رابىيە قادىر خانىم بوستوندىكى ماساچۇسسىت تېخنىك ئىنىستىتۇتىدا (MIT) لىكسىيە سۆزلىدى
- د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى
- قازاقىستاندا يۈسۈپ مۇخلىسنىڭ " مەشئەل" رومانى نەشىردىن چىقتى
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان "ئەجدەرھانىڭ تاپىنى ئاستىدا" ناملىق كىتاپ نەشر قىلىنماقچى