"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" رابىيە قادىرنى تونۇشتۇردى
2005.03.30
ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى سانىدا رابىيە قادىر ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىرى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، گېزىت ئېلىپ ماڭغان رابىيە قادىرنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 8 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكى ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىنى سۇنماسلىقنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەرگەنلىكى يېزىلغان.
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا يەنە، رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدىكى چېغىدا ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىشنى مىسال كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان 21 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا تۈرمىدە رابىيە خانىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا " سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز، ئانا؟ ماڭا ئوخشاش ياش بالىلار سىزدەك ئانىلارنى دەپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتساق" دېگەن. رابىيە خانىم بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن.
ماقالىدا يەنە، رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدە تەن-سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىر ياقتا قېلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر جازا بولغانلىقى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىش ئالدىدىمۇ، ئۇنىڭغا ئامېرىكىدا سىياسىي تېمىلاردا گەپ قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى يېزىلغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە قادىر قولغا ئېلىنىش سەۋەپلىرى ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى زۇلۇمغا قارشى بىر غەلىبە ھېساپلىنىدۇ
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
- رابىيە قادىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىيىنى خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا قانات يايدۇرۇشقا چاقىردى