رابىيە خانىمنىڭ خىتاي گۇندىپايلىرى ھەققىدىكى ئوبزورى ۋولت سترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى


2007.05.30

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 5 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان 'ۋولت سترىت ژۇرنىلى ' گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى. رابىيە خانىم ئوبزورىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ھۈرمەت قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنيادا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان دۆلەتكە ئايلىنالايدۇ' دەپ كۆرسەتتى.

‏- دۇنيادا بالىلىرىنىڭ ئازاپ -ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان ئانا تارتىۋاتقان دەرت-ئەلەمدىن ئېغىر دەرت -ئەلەم بولمىسا كېرەك، ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ رابىيە خانىمنىڭ ئوبزورىدا، -‏ خىتاي ھۆكۈمىتى مىنىڭ ئوغلۇم ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىمۇ ، ئۇكىسى ئالىم ئابدۇرېھىمغا ئوخشاش مەھبۇسقا ئايلاندۇردى.

مىنىڭ بۇ بالىلىرىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 'تېررورچى' دەپ تۆھمەت قىلىنىپ باستۇرۇشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە دىنىي ئېتىقادىنى، مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، پەقەت شۇ تىرىشچانلىقى ئۈچۈن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ۋە بىر-بىرلەپ تۈرمىلەرگە تاشلاپ جازالىشىغا ئۇچراۋاتقان تۈركى تىللىق 10 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرى.

رابىيە خانىم ئوبزورىدا يەنە، بۇلتۇر ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتىتىدا 'خەلقنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بۇيىچە قوغدايمەن' دەپ ۋەدە بەرگەن خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋغا، ھازىرقى ۋاقىتتا، خەلقنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى قوغداش كېرەكلىكىنى، تۈرمىگە ئېلىنغان مەھبۇسلارنى بولسا، ئەقەللىسى، ئادۋوكات تۇتۇش، ئوچۇق سوت قىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى تەكىتلىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.