رابىيە قادىر، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى
2005.08.28
ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى بولغان رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، ۋاڭنىڭ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇنى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى ئېيتىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانداق باستۇرىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىش، ھەرگىزمۇ تېررورچىلىق بولمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.
رابىيە قادىر يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق قارا چاپلاش ئارقىلىق، ئۇنى خەلقئارا جامائىتىنىڭ ئالدىدا زۇۋان چىقارتقۇزماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ۋاستىلىرىدىن ھەرگىزمۇ قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىغا ئاداققىچە ئاتىۋەتكەلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 25 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رابىيە قادىرنى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا، بۇ يەردىكى تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە، تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە كېچىچە مەسلىھەتلەشكەن دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ۋاڭ لېچۇەننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئىسمايىل تىلىۋالدى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى