ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى


2005.03.17
rabiya-sidiq-200.jpg

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، بىرقانچە سائەت توختىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا كېلىدىغان ئايروپىلانغا ئالمىشىپ، سائەت 10:35 ئۆتكەندە يېتىپ كەلدى.

رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ۋە پەرزەنتلىرىگە قوشۇلۇپ، ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىن يۈزدىن ئارتۇق كىشى، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايشى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋاشىنگتوندىكى رەگان خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىغا چىقىپ، قوللىرىدا گۈللەرنى ئېلىپ رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى. كۈتۈۋالغۇچىلار "رابىيە قادىر" دەپ توۋلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ ئۇيغۇر ئانىسىغا بولغان ئېھتىرامى، سېغىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئازادلىققا چىققانلىقىغا بولغان خوشاللىقىنى بىلدۈرۈشتى.

رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىگە بولغان بولۇپ، 15-چىسلا ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرى بىلەن قىسقىغىنا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بىراق، بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتالمىغان.

رادىئومىز، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى داۋاملىق دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ. رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى بىرىنچى قول خەۋەرلەردىن داۋاملىق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشنى خالىسىڭىز، تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.