رابىيە خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقتا
2007.11.07
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ ياپونىيىدىكى شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم 7 - نويابىر كۈنى توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ ھەپتىلىك ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى.
رابىيە خانىم توكيو شەھىرىدە بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ 'مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى كوممۇنىست خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن' دېدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىم ياپونىيىنىڭ 8 شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە ياپونىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. (ۋەلى)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلىندى
- رابىيە خانىم ئەنگلىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ياپونىيە پارلامېنتى يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلىدى
- ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى
- ياپونىيە : خىتاي ھەربىي سېلىنما جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشى كېرەك
- ياپونىيىنىڭ "مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى"دا خىتاي ھەربىي كۈچىدىن ئاگاھ بولۇش تەكىتلەندى
- د ئۇ ق ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتيىتى يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى داۋاملاشماقتا (2)
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان 4 نەپەر ياپونىيە ئالىمىغا جەرىمانە قويدى
- ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن 160 قا يېقىن كىشى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلدى