رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسارىيىنى زىيارەت قىلدى


2007.10.26

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى بىر ھەپتىلىك گېرمانىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ كۈنى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ زىيارەت جەريانىدا شۋېتسارىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچراشتى ھەم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىشكە مەسئۇل خادىملىرى شۇنداقلا شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

رابىيە خانىم شۇ كۈنى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىدىكى خادىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەر قايسى ئەللەردە كىملىكسىز سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كۆرۈشكەن. رابىيە خانىم، ئۆتكەن بىر ھەپتىلىك گېرمانىيە سەپىرىدە ھامبۇرگ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى ۋە گېرمانىيىنىڭ مەدەنىيەت، كىشىلىك ھوقۇق، نەشرىيات ھەم سىياسى ساھەسىدىكى ئەرباپلار بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى شۇنداقلا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانىڭ 8 ‏- ئايدىكى گېرمانىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لامانى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغانلىقىنى "جەسۈر" ھەرىكەت، دەپ ماختىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە خانىم، بۇ سەپىرىدە يەنە ، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچى خادىملىرى ۋە شۋېتسىيە دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى، ئۆلۈم جازاسى، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئۇيغۇر قىزلار مەسىلىسى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.