ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە


2004.10.18

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلدىن- يىلغا تېز ئېشىۋاتقان بولۇپ، بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى 35 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ئىكەن.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ دوختۇرخانا دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانىدا بۇ يىل داۋالانغان بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ سانى 600 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپ بولغان. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئەڭ كۆپ ئىكەن.

دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، بالىياتقۇ راكى پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ بالدۇر توي قىلىش ، بالدۇر بالىلىق بولۇش، جىنىسىي تۇرمۇشى قالايمىقان بولۇش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بويىچە، بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش ۋە بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپرونۇم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ بىر دوختۇرى ئىلگىرى رادىئويىمىز زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ٪ 90 ئىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، داۋالىنىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقى ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىلىرى قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.