رامىزان مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن


2007.09.25

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ ، بۇ مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈمى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلماقتا.

ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىگە سولاپ قويغان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن، فاكۇلتېتنىڭ تامغىسى بېسىلغان رۇخسەتنامە ئېلىشى، بۇنىڭدىن سىرت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە تاماق يىيىشى شەرت قىلىنىپ، سەھەر تۇرۇشى چەكلەنگەن. مەكتەپ دائىرىلىرى يەنە جۈمە كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مەقسەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەل سائەت بىردە مەكتەپكە يىغىلىشقا بۇيرىغان. ئىنكاسلارغا قارىغاندا ، بۇ خىل تۈزۈم ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىكەن.

ھۆكۈمەت بىر قىسىم جايلاردا، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا كۆزەتكۈچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىراۋە نامىزىغا كەلگەنلەرنى تىزىملاش ئىشلىرىغا سالغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتايدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ، ھېچقانداق دىنىي كەمسىتىشنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلار، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇھىم پەرزلەردىن بىرى ھېسابلانغان ھەج قىلىش پائالىيىتىنىمۇ ئۆز ئالدىغا ئەركىن ئېلىپ بارالمايدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.