مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيى باشلاندى
2005.10.05
ئىسلام دىنىدىكى ئۇلۇغ ئايلارنىڭ بىرى بولغان رامىزان ئېيى باشلاندى. رامىزان ئېيىدا روزى تۇتۇش مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان.
ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار رامىزاننى سەيشەنبە كۈنى كۈتۈۋالدى. ئەمما مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار بولسا، چارشەنبە كۈنى يېڭى ئاينى كۆرگەندىن كېيىن رامىزان ئېيىغا قەدەم قويدى.
دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ھاياجان ئىچىدە رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالغان بىر شارائىتتا، بىر قىسىم مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار رامىزاندا روزا تۇتۇشتىنمۇ چەكلەنمەكتە.
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ھارپىسىدا ھەرىكەت قوزغاپ، مۇسۇلمان ئىشچى- خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن. ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاشخانا خوجايىنلىرىنى رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانا تاقىماسلىق ھەققىدىكى توختامغا قول قويغۇزغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇ خىل دىنىي باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە