خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىرىنى چەكلىدى
2006.10.04
'گېرمانىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى'نىڭ خوتەن دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئىگىلەپ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇلمانلار ئۇلۇقلايدىغان رامىزان ئېيىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاھالىسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان، نامرات رايون دەپ ھېسابلىنىدىغان خوتەندە، بەش يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي چەكلىمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خوتەن دائىرىلىرى 'ھەر قانداق مەسچىتتە دىنىي پائالىيەتنى ئەتىگەن سائەت 11 يېرىمدىن بۇرۇن تۈگىتىش كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن مەسچىتتە ئادەم تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ' دەپ بۇرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق، رامىزان ئېيىدا مەسچىتلەردە كېچىدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان تەرەۋى ناماز پائالىيىتىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا يەنە، مۇشۇ روزى رامىزان ئېيىدا 'ھەممە ئاشخانىنى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى تەمىنلەش كېرەك' دەپ قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى ھەجىگە بېرىش ۋىزىسىغا ئېرىشتى
- ئامېرىكا: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغماقتا
- خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان
- شايارنىڭ قايلو يېزىسىدا مەسچىت قۇرۇلۇشى توختىتىلدى
- ئۆمۈر ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇر بوۋاينى پاكىستاندا ئوغرىلار پۇلسىز قويدى