خىتاي رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا تەرەۋىنى چەكلىگەن

ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر كۈنى ئىپتاردىن كېيىن مەسچىتلەرگە يىغىلىپ تەرەۋى ئوقۇشىنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.05

 يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۇچا ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، رامىزان ئېيىدا يەرلىك خەلقنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەملىك قارشىلىقىغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەۋى ئوقۇشىنى چەكلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، " دىندارلارنى چوڭ كۆلەملىك دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەسلىك ۋە پىلانلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدىغانلىقىنى، كىمدە ‏ - كىم باشقىلارنى روزا تۇتۇشقا ئۈندىسە جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بولسا ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇشنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلىگەن. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا " ئەگەر ساقال - بۇرۇت قويغۇچىلار ۋە ياغلىق ئارتقۇچىلار بايقالسا ساقال ‏ - بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ياغلىقىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇرلايمىز " دېيىلگەن.

 كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى فېلىم كاين، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان يۇقىرىقى تەدبىرى " ۋەزىيەتنىڭ كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ۋە باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ " دەپ ئەسكەرتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.