شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى 200 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى بازارغا سالماقچى
2006.07.21
خىتاي بويىچە 2 - چوڭ نېكىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى 200 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىغا سېلىشنى پىلانلىماقتا.
"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى كېلەركى ئايدا خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇپ، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ باشلىرى پاي چېكىنى رەسمىي بازارغا سېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا مەزكۇر شىركەت خىتاي بۇيىچە 2 - چوڭ نېكىل ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالايدىكەن.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان نېكىلنىڭ 5 % نى شىنجاڭ رەڭلىك مېتاللار گۇرۇھى ئىشلەپچىقارماقتا. شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى 1950 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرۇلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىدى. نېكىل پولات- تۈمۈر سانائېتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە بېرى نېكىلنىڭ باھاسى دۇنيا بازىرىدا تېز ئۆرلەشكە باشلىغان. ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بىر توننا نېكىل 26 مىڭ 850 دوللارغا چىقىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى پولات - تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجنى كۆپەيتمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ نېكىل باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋاللار شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنى زور پايدىغا ئېرىشتۈرسىمۇ، لېكىن بۇ كارخانىنىڭ پاي چېكى سېتىشىغا قارشى تۇرغۇچىلار بۇنىڭ يەرلىكلەرگە پايدا يەتكۈزۈشى ناتايىن، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر دىيارى چەتئەل ۋە خىتاي سودىگەرلىرىنى بېيىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلانماقتا
- خىتاي، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىمدا نېفىت - تەبئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويماقچى
- خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى
- نيۇبرىج كاپىتال گۇرۇھى گۇاڭخۈينىڭ 200 مىليون دوللار پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 150 تۈر بويىچە سودىگەر چاقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى