ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ رەڭلىك پاختا بازىسىغا ئايلاندى

خىتاي رەڭلىك پاختا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مونوپولىيە كارخانىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇنيا بۇيىچە رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ بازىغا ئايلانغان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان رەڭلىك پاختىنىڭ يېرىمى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىكەن.

خىتاي رەڭلىك پاختا چەكلىك ھەسسىدارلىق گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋلىن، ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا چاقىرىلغان بىر خەلقئارا رەڭلىك پاختا يىغىنىدا، ئۆتكەنكى ئون نەچچە يىلدىن بېرى رەڭلىك پاختازارلىقلارنىڭ كۆلىمى 20 ھەسسە كۆپىيىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رەڭلىك پاختىزارلىقلار 130 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رەڭلىك پاختا ھەسسىدارلىق چەكلىك گۇرۇھى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇپ،2006 - يىلى 8000 توننا رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقارغان. بۇ شۇ يىلى خىتاي بۇيىچە ئىشلەپچىقىرىلغان رەڭلىك پاختىنىڭ% 95 نى ئىگىلەيدۇ.

"جۇڭگو" گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رەڭلىك پاختىغا مۇھىت بىلەن ماسلىشالايدىغان مەھسۇلات، دەپ باھا بېرىشكەنلىكىنى يازدى. لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، رەڭلىك ياكى ئادەتتىكى پاختا ئىگىلىكى رايوندا تۇپراقنىڭ قۇملىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بوستانلىقلارنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇپراقنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەددىدىن زىيادە تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئىشلىرى تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. "جۇڭگو" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى 100 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى قۇم باسماقتا ئىكەن. (ئەركىن)