خىتاي رەھبىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى


2006.10.23

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى زېڭ پەيئەن 18‏ ۋە 22‏- ئۆكتەبىر كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىئىدا تەكشۈرۈش زىيارىتىدە بولغان. ئۇ بۇ سەپىرى جەريانىدا ئۈرۈمچى، قارىماي، ئېلى، قاش ۋە خوتەن شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان.

خىتاي مەتبۇئاتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زېڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا 2004‏- يىلىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان جېڭ-ئېلى قورغاس تۆمۈر يولىدىكى قۇرۇلۇش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 296 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تۆمۈر يولى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ھېسابلىنىدىكەن.

زېڭ پىييەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاش يول، تۆمۈر يولى ۋە ئايرودرۇملارنى كېڭەيتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ": ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان يوللارنى كېڭەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بېرى" دەپ كۆرسەتكەن.

زېڭ پىييەن مايتاغ نېفىت ئايرىش مەركىزىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا": شىنجاڭنىڭ مول نېفىت، تەبىي گاز، ئاپتاپ ۋە شامال ئېنېرگىيىسى مەنبەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلاردىن ئىقتسادىي كىرىم سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئىشنى تېزلىتىش كېرەك" دېگەن.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلى مول يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىلقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوننىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ئۇيغۇرلار ئىقتسادىي جەھەتتىن يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا ياشىماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن پايدىلىنالمىغانلىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەبىي بايلىقلىرىدىنمۇ نېسىپلىنەلمەيۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.