خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ روسىيەدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى


2004.09.26

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئاساسى تېما قىلغان روسىيەدىكى ئۈچ كۈنلىك زىيارىتى ئاخىرلاشتى. بىراق ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى ساھەدىكى بەزى نىگىزلىك مەسىلىلەردە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلالمىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا موسكۋا بېيجىڭ ۋەكىللىرىنىڭ خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان روسىيە شىركەتلىرىگە روسىيە ھۆكۈمىتى كاپالەت بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. نېفىت مەسىلىسى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ روسىيەگە قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى ئىگىللەيتتى. روسىيە باش مىنىستىرى فرەدكوف، كاپالەت بېرىش مەسىلىسى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئىشى، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشى ئەمەس دەپ تەكىتلىگەن.

روسىيەنىڭ خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى يۇكوس شىركىتى خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان بىردىن بىر روسىيە نېفىت شىركىتى ھىساپلىنىدۇ . مەزكۇر شېركەت يېقىندا بەزى ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچرىغان. ئانگارىسكىي - داچىڭ نېفىت تۇرۇبىسى پىلانى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى روسىيە سەپىرىدە ھەل بولمىدى.روسىيە بۇ مەسىلىدە ھىچقانداق ۋەدە بەرمىگەن. بىراق بۇ مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغان. روسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدە درامماتىك يۈز بەردى. موسكۋا بىلەن بېيجىڭ بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. روسىيە مەتبۇئاتلىرى، بېيجىڭ دائىلىرىنىڭ روسىيەنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىش يولىدىكى بەزى شەرتلىرىدىن ئاخىرقى كۈنى ۋاز كەچكەنلىگىنى خەۋەر قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.