ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى سابىت ئابدۇراخمان ئالەمدىن ئۆتتى
2005.07.14

ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ پىشۋالىرىنىڭ بىرى بولغان سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 14 - ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ 78 يېشىدا قازا قىلدى.
قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغىنىمىزدا، مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كوچىدا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ يولدىن ئۆتۈۋاتقىنىدا ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. شۇنداقلا ماشىنا قاتتىق سوقۇۋەتكەنلىكتىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىپ بولغۇچە جان ئۈزگەن.
ماشىنا ھەيدىگۈچى كىشى 21 ياشلىق ئەلىك ئىسىملىك رۇس بالا بولۇپ، ماشىنىدا ئۇنىڭ دادىسىمۇ بار ئىكەنتۇق. ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ۋەقەنىڭ بىر قاتناش ھادىسىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 1928 - يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1930 - يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردە مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. شۇنداقلا ئۇ كېيىن 1944 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. شۇنداقلا شۇ سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلانغان.
ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا نەق مەيدان زىيارىتىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ تاسادىپىي ئۆلۈمى ھەققىدە بۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى سىلەرگە سۇندى.
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا
- "ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى" نىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنى زىيارەت (2)
- "ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى" نىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنى زىيارەت (1)
- جامائات ئەربابى، تارىخچى ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجى ئالەمدىن ئوتتى