بۇ يىل ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن 193 نەپەر ساختا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچى بايقالدى


2006.06.07

7‏- ئىيون كۈنى خىتاي بويىچە ئالىي مەكتەپكە كىرىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى باشلاندى. ئالدىنقى يىللاردىكىدەك بۇ يىلمۇ مەزكۇر ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ساختا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 200 گە يېقىنى بايقىلىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ساختا سالاھىيەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىللىق ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان. ئۇيغۇر ئېلى خېلىدىن بېرى ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يەرنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئىمتىھان بېرىشكە ئۇرۇنىدىغان مۇھىم بىر جايىغا ئايلانغان بولۇپ، 2003‏- يىلى بىر يىلدىلا ساختا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچىدىن 2200 ئى بايقالغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋال يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش سانىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە تەخمىنەن 143 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە كىرىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە 30 ئىمتىھان ئورنى 902 ئىمتىھان مەيدانى بېكىتىلىپ، ھەر قايسى سىنىپلاردا مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن خىتاي بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار سانى 8 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، يېڭى رېكورت ياراتقان. بىراق بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ يىل پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60% ئىنىڭ ئىشسىز قېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى غەربىي رايونلارغا بېرىپ ئىش تېپىشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتتى. شۇنداقلا بۇ يىل خىتايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ غەربكە بېرىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 55 مىڭغا يەتكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.