جەنۇبىي "شىنجاڭ" خەلقئارا ساياھەت بايرىمى قەشقەردە باشلاندى


2005.05.20

جەنۇبىي "شىنجاڭ" خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 18 - ماي كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قەشقەردە باشلاندى. بۇ بايرامنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىللىي سەنئەت ئۆمەكلىرى ئورۇنلىغان ناخشا-ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ساياھەت بايرىمى 5 - ئايدىن 12 - ئايغىچە 6 ئاي داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 20 گە يېقىن پائالىيەت بېرىلىدىكەن.

تېخى بۇنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە "قەشقەر، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى" ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ يەرمەنكىدە جەمئىي 1 مىليارد 9 يۈز مىليون يۇئەن قىممىتىدىكى 63 تۈرلۈك سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان.

خەۋەرلەردە يەنە، قەشقەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە تەبىئىي بايلىقى مول بولۇش ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغانلىقى يېزىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا بولىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەر، بۇ يەردىكى ھەر قايسى مەنپەئەتلەردىن يەنىلا خىتايلارنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى بۇ رايونغا قىززىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.