خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇز تاغ ساياھىتىنى چەكلىدى
2006.10.09
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەڭرى تېغىدىكى مۇز چوققىلىرىغا ساياھەت قىلىشنى چەكلىدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە،يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تاغ ساياھىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەڭرى تېغىدىكى مۇز چوققىلار ساياھەتچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى تەڭرى تېغىنىڭ مۇز چوققىلىرىغا ئەخلەت تاشلاش، مۇھىتىنى بۇلغاش ۋە مۇز قاتلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەڭرى تېغىدىكى مۇز قاتلىمىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 3.2 مىليون ئىنساننى ئىچىملىك سۈ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇز قاتلىمى يىلىغا 8 مېتىر تېزلىك بىلەن ئېرىمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوندىكى ساياھەت شىركەتلىرى يىلىغا 2000 دەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغان بولۇپ، مۇز چوققىلارنى ساياھەت قىلدۈرۈش ئۈچۈن كىشى بېشىغا 20 يۈەندىن پۇل ئالماقتا ئىكەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، " مۇز چوققىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا بىپەرۋا ساياھەتچىلەر مۇز قاتلىمىنى تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان "دەيدۇ. رايوندىكى مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، 2004 - يىلى بۇغدا چوققىسىدىن 6 توننا ئەخلەت يىغىۋېلىنغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوتەن قاش تېشىنىڭ تراگىدىيىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت قوزغىدى
- خوتەن قاشتېشى قالايمىقان قېزىش نەتىجىسىدە يوقاپ كېتىش گىردابىغا دۇچ كەلمەكتە
- قاناس چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بېرىشقا تېگىشلىك جاي دەپ باھالىنىپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى
- جەنۇبىي "شىنجاڭ" خەلقئارا ساياھەت بايرىمى قەشقەردە باشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمى يىپەك يولىغا مەبلەغ سالماقچى