خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى گۈللەنگەنسېرى ئۇيغۇرلار ئارقىدا قالماقتا


2006.12.27

رويتېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىشى بىلەن، خىتاي سودىگەرلىرى پايدا تېپىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بارغانسېرى ئارقىدا قېلىشقا باشلىغان.

يېقىندا ئەمما گراھام ئىسىملىق بىر مۇخبىرنىڭ خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى گۈللەنگەنسېرى ئۇيغۇرلار ئارقىدا قالماقتا دېگەن تېمىدىكى مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، تۇرپاننىڭ ئۈزۈم ماكانى تۇيۇق يېزىسىدا يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ۋەزىيەت بىر قەدەر جىددىيلەشكەن. مەسىلەن مەزكۇر يېزىدىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سودا شىركەتلىرى ھازىر تۇيۇق يېزىسىنى ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرىۋالغان. ئۇلار مەزكۇر يېزىنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلارغا 30 يۈئەندىن بىلەت سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئالغان. لېكىن مەزكۇر يېزىنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ساياھەتچىلەردىن كىرگەن كىرىمدىن بىر تىيىن پايدىسى تەگمىگەن.

مەزكۇر مەلۇماتتا خىتاي مىللىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، گاز ۋە تۈرلۈك يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن خالىغانچە بەھرىمان بولىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكولا بېكلىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلىمىز دېگەن باھانە بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈملەپ كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر جاينىڭ بايلىقىنى بولاڭ ‏-تالاڭ قىلىپلا قالماي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدىنىيىتىنىمۇ بارغانسېرى سۇسلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.