بىر ئۇيغۇر دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىندى

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالىمجان ھىمىت ئىسىملىك بىر خرستيان دىن تارقاتقۇچىسى يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى، ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ سىرتتىن كەلگەن تېلېفۇنلارغا جاۋاب بېرىشى، بولۇپمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن ، ئاالىمجان ھىمىتنىڭ بېيجىڭدىكى ئادۋوكاتى ئىستانسىمىزغا، ئالىمجان ھىمىتنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقە باغلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ " : ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشى ئۇيغۇرچە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ، مەن ئۇقتۇرۇشتا پەقەت دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەتنىڭلا تۇرغۇزۇلغانلىقىنى كۆردۈم ، توغرا تەرجىمە قىلىنمىغانمۇ ياكى خاتا بولۇپ قالغانمۇ ؟ بۇ دىلو ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم تازا ئېنىق ئەمەستەك تۇرىدۇ" دېدى.

ئۆتكەن يىلى 10 ‏- ئايدا ئالىمجان ھىمىت باش دېرىكتورلۇقىدىكى شىركەت ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تاقىۋىتىلگەن ۋە شىركەتكە ئائىت بۇيۇملار مۇسادىرە قىلىنىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت 3 ئايدىن كېيىن ئالىمجاننى قولغا ئالغان. خىرستيان دىنىي تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئىزچىل تۈردە توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، قولغا ئېلىنغان خرستيان مۇرىتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار ئىىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئالىمجان ھىمىتنىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسىگە ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ خرستيان مۇرىتى بولغانلىقىغا ئەجەبلەنمەكتە.