سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرى قۇتۇلدۇرۇلدى


2004.12.28

تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر شاڭخەيدىكى جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ چاڭگىلىدىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ، 27 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاتا - ئانىسى بىلەن جەم بولدى.

چوڭى 12 ياش، كىچىكى 8 ياش ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قارا گۇرۇھنىڭ كىشىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل 6 - ئاي ۋە 8 -ئاي ئارىلىقىدا يۇرتى باي ناھىيىسىدىن ئالداپ شاڭخەيگە ئېلىپ كەتىلگەن.

جىنايەتچىلەر بۇ 4 نەپەر ئۆسمۈرنى شاڭخەي كوچىلىرىدا بەزىدە تىلەمچىلىك، بەزىدە ئوغرىلىققا سالغان. كۆپ پۇل تاپالمىغان ياكى بىرنەرسە ئوغرىلىيالمىغاندا، ئۇلارنى ئاچ قويغان ھەمدە ئۇرۇپ دۇمبالىغان.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ يىغىۋېلىش پونكىتى خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، رەھىمسىز قارا گۇرۇھنىڭ قولىدىن قۇتۇلغان بالىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلانغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن رادىئومىزغا تېلېفون ئاچقان ئۇيغۇرلار، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدە جىنايەت يولىغا مەجبۇرلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.