پىشقەدەم مائارىپچى، ئەدەبىياتچى، شائىر باۋۇدۇن نىياز ئامېرىكىدا ۋاپات بولدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.14
2008.04.14
ئۇ رەپىقىسى بىلەن بىللە ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى.
يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىغان پىشقەدەم ئۇستاز باۋۇدۇن نىياز ئەپەندى 1938 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، ئۇ 1956 - يىلى ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ سابىق پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى - ھازىرقى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ۋە مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلەپ، بۇ جەرياندا مىڭلىغان ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.
مەرھۇم باۋۇدۇن نىياز ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپلا قالماستىن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كۆپلىگەن نادىر شېئىرلارنى يېزىپ خەلق ئارىسىدا تونۇلغان شائىر ئىدى. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ساتىرىك شېئىرلىرى ۋە « ئۇيغۇر بولماق تەس » ناملىق سىياسىي لىرىكىسى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.