شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ "دىنىي ۋە مىللىي ئىشلارغا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاسپىرانتلىق بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى" 28 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئاياغلاشقان بولۇپ، تەڭرىتاغ ئاخبارات تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كۇرس خىتاي دۆلەتلىك سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللەنگەن ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008-06-30
Share

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۇرسنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى سودا نازارىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۇرس 16 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە باشلانغان.

مەلۇم بولىشچە، بۇ شۇ خىلدىكى كۇرسلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇنجى قارار ئېچىلىشى بولۇپ، كۇرسقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن 19 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قاتناشقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كۇرسانتلارغا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دىنىي ۋە مىللي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتكەن ھەمدە خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قىسىم سىياسەت ھەمدە چەتئەللىكلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن لىكسىيە سۆزلىگەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2001 - يىلى 15 - ئىيۇن رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى ئاسىيادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر ھازىرچە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت