خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى
2007.07.12
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەتنىڭ 9- ئاۋغۇستتىن 17- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" تىنچلىق 2007 " ئىسمى بېرىلگەن بۇ ھەربىي مانېۋىر ئۇرۇمچىدە ۋە رۇسىيىنىڭ ئۇرال تاغلىق رايونىغا جايلاشقان چىليابىنسك رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ھەربىي مانېۋىرغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن. باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە ، 6 دۆلەتتىن 1600 ئەسكەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىر، ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان بولۇپ، تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش يوللىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بىراق كۆپلىگەن ئانالىزچىلار، خىتاي ۋە رۇسىيە يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز سىياسىي ۋە ھەربىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان بىر قورالغا ئايلانغانلىقىنى، ھەر ئىككى دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارشى تۇرۇشنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى
- مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 41 توننا پارتلاتقۇچ بۇيۇمى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى
- خىتاي، تەكلىماكان چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ياسىماقچى
- غۇلجىدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى گۆرۈگە ئالغان بىر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى