شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خادىملىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى


2007.11.25

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئالتە دۆلەت ئىچىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ 21 نەپەر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خادىمى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە "شىنجاڭ" خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شىركىتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خادىملىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشتى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە تايانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن مەزكۇر خادىملارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت، مىللەت ئەھۋالى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقلار مەسىلىسى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنلىرىغا ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇر، ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى دىلنار قاتارلىق مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۇرس 10 كۈن داۋاملىشىدىكەن ھەمدە ئۇلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن ھەم ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.

نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈپ خاراكتېرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي تۈس ئېلىۋاتقانلىقى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوز ئالدىغان كۆزلىگەن مەقسىتى بار بولسىمۇ، بىراق، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇ يەردىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالىدىغان نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. تېخى يېقىندىلا قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشقا مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن كوللېكتىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.